مەخسۇس خەۋەركىشىلىك ھوقۇق

14 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قىز تۈرمىدە جان ئۈزگەن

14 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان راھىلە ئۆمەرنىڭ 23 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىيىتىگە سوئال تۇغدۇردى.

 راھىلە ئۆمەر  2018-يىلى مارتتا 15 يېشىدا تۇتقۇن ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان. ئەمەلدارلار ئۇنىڭ 2026-يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتى.
راھىلە ئۆمەر 2018-يىلى مارتتا 15 يېشىدا تۇتقۇن ئورنىدا سۈرەتكە تارتىلغان. ئەمەلدارلار ئۇنىڭ 2026-يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتى. — (شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى)

14 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر قىز راھىلە ئۆمەر  خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن. قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنى دەلىللىگەن. ئۇ،تۇتقۇن قىلىنىپ تەخمىنەن توققۇز يىل كېيىن، يەنى 23 يېشىدا قازا قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، راھىلەنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھەققىدە توختالغان  بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە يۈرەك كېسىلى سەۋەب بولغان  بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمەلدارلار راھىلە ئۆمەرنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى راھىلەنىڭ تېلېفون قىلىنىشتىن تەخمىنەن ئىككى ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، بىر خىتاي ساقچىسى راھىلەنىڭ تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچى: «ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرىم بار ،» دېگەن. راھىلە ئۆمەرنىڭ قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى سورالغىنىدا، ساقچى: «مەن بۇنى ئاشكارىلىيالمايمەن،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسىدىكى، راھىلە ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بىر ئۇيغۇر خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: « ئۇ ئاشۇ كېسەل بىلەن ئۆلەپ كېتىپتۇ، ئۇشتۇمتۇت ئىكەن، شۇ يۈرەكتە چاتاق باركەن ئوخشايدۇ،» دېگەن.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قانۇن ئەمەلدارى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا راھىلە ئۆمەرنىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە كوناشەھەردىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە، ئاندىن توققۇزاقتىكى بىر تۇتقۇن قىلىش مەركىزىدە 2021-يىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىلى ئۆكتەبىردە 18 ياشقا توشقاندا، راھىلە 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەن.

ئەمەلدارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە يەنە، راھىلە ئۆمەر «قانۇنسىز توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭغا  «تەربىيە يۇقمىغانلىقى»، دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى ۋە لاگېر كامىرىدا ئىشارە نامىسى ئوقۇغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، جازا بەرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى راھىلە ئۆمەرنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى دەلىللىيەلمىگەن.

ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش تارىخى

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زەنز (Adrian Zenz) 2022يىلى ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نى تەھلىل قىلىش جەريانىدا راھىلە ئۆمەرنىڭ ئارخىپىنى بايقىغان. ئارخىپتا ئۇنىڭ 2017-يىلى 28-سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 2018-يىلى مارتتا، يەنى 15 ياش ۋاقتىدا سۈرەتكە تارتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. زەنزنىڭ تەھلىلىدە ئۇنىڭ ھۆججەتلەردە سۈرەتكە تارتىلغان ئەڭ كىچىك تۇتقۇن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، راھىلە ئۆمەرنىڭ دادىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دادىسىنىڭ دېلوسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. زەنزنىڭ تەھلىلىدە يەنە راھىلەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 2017-يىلى 3-ئىيۇل تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، دادىسىنىڭ راھىلە ئۆمەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، ئانىسىنىڭ بولسا ئالتە يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق.

زەنز «ئۆتكەل» (Otkel) گە قىلغان سۆزىدە: «بۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان، ۋەھىمىلىك بىر ۋەزىيەت،» دېدى.

ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جاۋاب تەلەپ قىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن «ئۆتكەل» گە قىلغان سۆزىدە، راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمىدىن چوڭقۇر ئېچىنىدىغانلىقى ئېيتتى. ئۇ، ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى بىز چوقۇم ھېساب سورايمىز.»

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» (Stop Uyghur Genocide) تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رەھىمە مەخمۇت، ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى راھىلە ئۆمەرنىڭ سۈرىتىنىڭ ھەرگىز ئېسىدىن چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەخمۇت راھىلە ئۆمەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان يېشى بىلەن ۋاپات بولغان يېشىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن شۇ ئىككى دەۋىر ئارىلىقىدىكى يىللار ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقانلىقىنى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ نەقەدەر ئاز  ئىكەنلىكى ھەققىدە پات-پات ئويلىنىپ قالىمەن،» دېدى.

رەھىمە مەخمۇت، راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئايرىم ئەھۋال ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بىر ئەمەلدار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا راھىلە ئۆمەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ سەۋەب  دەلىللەنگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ يىللىق تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ يىللار جەريانىدا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە  ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئىدى،» دېدى مەخمۇت. «ئۇلار ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغانلىقىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.»

ئامان قالغۇچىلارنىڭ تۈرمىلەردە قىيناش، ئاچ قالدۇرۇش ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى تىلغا ئالغان رەھىمە مەخمۇت، راھىلە ئۆمەر تۇتۇپ تۇرۇلغان شارائىت ۋە ئۇ ئۇچرىغان مۇئامىلىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئورۇنلۇق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىسى ۋىلىيام نى  (William Nee) LinkedIn دا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، راھىلە ئۆمەرنىڭ نېمىشقا جازا لاگېرلىرى ئازاد قىلىنماي، ئەكسىچە تۈرمىگە ئەۋەتىلگەنلىكىگە سوئال قويدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور مەمتىمىن ئەلا X كە يوللىغان يازمىسىدا، راھىلە ئۆمەرنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان، يوقىتىلغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «بىر گۇناھسىز چىراي» ئىكەنلىكىنى يازدى. ئۇ، بۇ باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان. بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا  قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلق ئەزالىرىمۇ بار.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى 2021-يىلى يانۋاردا خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرىمۇ  بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى ۋە قارارلارنى قوبۇل قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق  ئالىي كېڭىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا  ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىقى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى» بىلدۈردى.

خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى UNN نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىدى.

رەسىم قىلىپ ھەمبەھىرلەش

قايسى تور ئۈچۈن

ئۇسلۇبى

Instagram ۋە باشقا تورلار ئۈچۈن رەسىم. چۈشۈرۈپ، ئاندىن يوللاڭ.

چۈشۈرۈش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مەخسۇس خەۋەركىشىلىك ھوقۇق

قامالغان شائىر، چەكلەنگەن ناخشا: خىتاي ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىت دەپ قارايدۇ

خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى، يەنى مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، دەپ ئېيتماقتا.تۈرمە كامېرىدا يېزىلغان بىر شېئىر، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.