ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى تايلاندنى بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى تايلاندنى بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش ئۇيغۇر ئەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 13-نويابىر تايلاندنى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىدى.
مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر تايلاندتا 12 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىنىش ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراش خەۋپى ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش تايلاند خەلقئارالىق قارشىلىقلارغا قارىماي، ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قايتۇرۇش ھەرىكىتىدە 149 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى جەنۋەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قالغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئىككى نەپىرى تۇنجى قېتىم تۇتۇلغاندا تېخى بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ بەش كىشىنىڭ ھەممىسى تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى پادىشاھلىق كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەركىنلىككە چىقىرىلماي، كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەن.
مۇتەخەسسىسلەر باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تايلاندنىڭ قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتى مەجبۇرىي قايتۇرۇشقىمۇ، جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. بۇ بىرەر شەخس جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن تەقدىردىمۇ شۇنىڭغا تەتبىقلىنىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول تايلاندنىڭ ئىلگىرىكى قايتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇلۇغيول «ئۆتكەل» گە مۇنداق دېدى: «تايلاندنىڭ نۆۋەتلىك ۋە سابىق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇردى. بۇ قايتۇرۇشلار ھەم تايلاندنىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغا، ھەم خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپ بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىسىدۇر.»
ئۇ يەنە: «تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بىخەتەر ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەت تايلاندقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خەتەرگە تاشلاپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇ 29-ئۆكتەبىر پادىشاھلىق كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى ئۇيغۇر ئەر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ تايلاندنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىگە شېرىك قىلىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ تايلاندنى بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى توختىتىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد 4-نويابىردىكى باياناتىدا، يېقىندا كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ يەنە تايلاندنىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىك كاپالىتىگە تايىنىشىنى رەت قىلىپ، بۇنداق ۋەدىلەرنىڭ تايلاندنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ بەش ئۇيغۇر خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، 2014-يىلى 13-مارت تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن جايدا تۇتۇپ قېلىنغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىدى.
2015-يىلى 29-ئىيۇن، تايلاند كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 170 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئون كۈندىن كېيىن، يەنى 9-ئىيۇلدا، تايلاند دائىرىلىرى خەلقئارالىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، باشقا 109 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
بۇ قايتۇرۇشلار خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قايتۇرۇلغانلارنىڭ خىتايدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش خەۋپىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەردە يەنە ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تايلانددىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قايتۇرۇش تەھدىتى 2025-يىلى يانۋاردا ئوتتۇرىغا چىققان.
تايلاند دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ 40 ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا زىيانكەشلىك ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە بېيجىڭنى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە يول قويۇشقا چاقىرغان.
2025-يىلى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ قانداق قىسمەتكە يولۇققانلىقى تېخىچە نامەلۇم. ھازىر بولسا، تايلاندتا 12 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بەش ئۇيغۇر خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان ياكى ئاشۇنداق ئېنىقسىز تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە قاراڭغۇ.



